شەخسىيەت كېلىشىمى

 

يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى

كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقتى: 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

 

بۇ كېلىشىمدە بايان قىلىنغان ماددىلار ۋە شەرتلەر سىزنىڭ ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ پۇل يىغىش، تاماق زاكاز قىلىش، سكاننېرلاپ تاماق بۇيرۇتۇش سىستېمىسى، غوجىدار نۇسقىسى ۋە باشقا باشقۇرۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى (تۆۋەندە «بىز» دېيىلىدۇ)غا ماس كېلىدۇ، خېرىدارلار ئەپى، تور نۇسخىسى، قوللىنىشچان دېتال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىللەر (بۇندىن كېيىنىكى تېخنىكا تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان يېڭى مۇلازىمەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شۇنداقلا سىزگە تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى مۇلازىمىتىنى شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى تەمىنلەيدۇ. بىز ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز، بىز شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىملىقىنى ياخشى چۈشىنىمىز ھەمدە قانۇن - نىزام تەلىپى ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى مۇكەممەللەشكەن بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە، مۇناسىپ بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: سىز بىز تەمىنلىگەن ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر «شەخسىيەت كېلىشىمى»نى تەپسىلىي ئوقۇپ، تولۇق چۈشىنىڭ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق مەزمۇنلار (بىز خەت نۇسخىسىنى توم قىلىپ قويغان مەزمۇنلار)غا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر سىز بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەزكۇر شەخسىيەت كېلىشىمىگە ئاساسەن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، ئورتاق پايدىلىنىشقا ئائىت تەلەپلەرگە قوشۇلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر مەزكۇر شەخسىيەت كېلىشىمىگە نىسبەتەن چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا، بىزنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىمىز 9872-800-400 ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، سىز ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا تەمىنلىگەن بارلىق سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ھەمدە قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن، ئەگەر ئۇچۇرلار ئىچىدە (ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئەزالار، مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋە بۇندىن كېيىن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندە تەمىنلەيدىغان شەخسىي ئۇچۇر قاتارلىق) ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرى بار بولسا، سىز بۇ ئۇچۇرلارغا قانۇنلۇق يول بىلەن ئېرىشكەنلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىز مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ خىل ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز، بىز سىزنى بۇ ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان ھەرقانداق سەۋەب / نۇقسان/ ئەھۋاللار يوق دەپ قارايمىز.

 

1. ئېنىقلىما ۋە ئىشلتىش دائىرىسى

1) ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت: يەنى بىز ۋە بىزگە ئالاقىدار تەرەپ تەمىنلىگەن ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان نەشرى، پۇل يىغىش سىستېمىسى، تاماق زاكاز قىلىش سىستېمىسى، سكاننېرلاپ تاماق بۇيرۇتۇش سىستېمىسى ۋە باشقا باشقۇرۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىي ئاشخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى (تۆۋەندە «بىز» دېيىلىدۇ)غا ماس كېلىدۇ، خېرىدارلار ئەپى، تور نۇسخىسى، قوللىنىشچان دېتال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىللەر (بۇندىن كېيىنىكى تېخنىكا تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان يېڭى مۇلازىمەت شەكىللىرى) شۇنداقلا سىزگە تەمىنلىگەن تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمەتلىرى، مال باشقۇرۇش، ئەزا باشقۇرۇش، بېسىپ چىقىرىش، زاكاز باشقۇرۇش، تىجارەت ئەھۋالى جەدۋىلى، سكاننېرلاپ تاماق بۇيرۇتۇش سىستېمىسى، مال تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەر (ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى تەمىنلىگەن مەھسۇلات / مۇلازىمەت ۋە ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى تەركىبىدىكى مۇستەقىل شەخسىيەت كېلىشىمى تەسىس قىلمىغان ئالاقىدار مەھسۇلات / مۇلازىمەتلەر)نىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەخسىيەت كېلىشىمىنى ئىشلىتىدۇ.

2) بۇ كېلىشىم سىزنىڭ بىزنىڭ مەھسۇلات مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق ئۇلانغان باشقا ئۈچىنچى تەرەپ مەھسۇلات مۇلازىمىتىگە ماس كەلمەيدۇ («باشقا ئۈچىنچى تەرەپ»، سىزنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرىڭىز، ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتى ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ئۈچىنچى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كونكرېت مەسىلىلەردە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ شەخسىيەت كېلىشىمى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باياناتىدىن پايدىلىنىشىڭىز كېرەك.

 

2. بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق يىغىمىز ۋە ئىشلىتىمىز

بىز تۆۋەندىكى بىر قاتار مەقسەتلەر ئۈچۈن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز ۋە ئىشلىتىمىز:

(1 ھېسابات نومۇرى تىزىملىتىشىڭىزغا ياردەم بېرىش

سىز بىزنىڭ سىستېمىمىزغا تىزىملاتقان ۋە بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، سىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىڭىز بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك. سىز بىزنىڭ ئاساسىي مەھسۇلاتىمىز ۋە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىز چوقۇم بىزنىڭ زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىش، ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى نورمال ئىشلىتەلمەيسىز؛ سىزنى قوشۇمچە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىشىمىز ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز تەبىئىي شەخس بولسىڭىز، بىز ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇر، ئىسىم - فامىلىڭىز، جىنسىڭىز، باش سۈرىتىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، كىملىكىڭىز، تۇغۇلغان ۋاقتىىڭىز، تۇرۇشلۇق جايىىڭىز، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىڭىز، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى، بانكا ھېساباتى ياكى باشقا چىقىم قىلىش قوراللىرىنىڭ ئىسچوت ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى يىغىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن؛ ئەگەر سىز شىركەت، كارخانا بولسىڭىز، بىز بەلكىم ھېسابات نومۇرىڭىز، مەخپىي نومۇرىڭىز، تىجارەت كىنىشكىسى، ئورۇن نامى، رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقتى، رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسى، تىجارەت ئادرېسى، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى، بانكا ھېساباتى ياكى باشقا چىقىم قىلىش قوراللىرى ھېسابات نومۇرى، ئالاقىلاشقۇچى ياكى ۋە قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ئۇچۇرى (ئىسىم - فامىلىسى، كىملىكى، باش سۈرىتى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار)نى يىغىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

سىز ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتسىڭىز، بىز ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسىدا ئىشلەتكەن ھېسابات نومۇر ئۇچۇرىڭىز (مەسىلەن باش سۈرەت، ئىسىم - فامىلە ۋە باشقا سىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار) قاتارلىقلارنى يىغىشىمىز ۋە سىزنىڭ ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسى ھېسابات نومۇرىڭىز بىلەن باغلاپ تېز تېزىملىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. سىز ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقان قىسمەن ئەھۋاللاردا، بىز سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرىنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز.

2) سىزنى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش

(1) قانۇن - نىزاملاردىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تەلىپىنى قاندۇرۇپ، سىزنىڭ ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سىستېمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ سىستېما ئىشلىتىش خاتىرىڭىز، زاكاز ئۇچۇرىڭىز، كۆرۈش ۋە ئىزدەش ئۇچۇرىڭىز، ئورۇن ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىشىمىز مۇمكىن.

بىرىنچى، ئورۇن ئۇچۇرى. سىز سىستېمىنىڭ ئورۇن ئېلىشىغا ھوقۇق بېرىپ، ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز، بىز مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن، بۇ تېخنىكىلار IP ئادرېسى، GPS ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان WLAN (مەسىلەن Wi-Fi)، لەنيا (كۆك چىش) ۋە ئاساسىي پونكىت، سېنزور ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىپ، بىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىشىمىزنى توختىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بۇ سەۋەبلىك ئورۇن بەلگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلىتەلمەسلىكىمىز ياكى كۆزلىگەن ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

ئىككىنچى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئىزدەش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز ۋە سىستېما ئىشلىتىش خاتىرىڭىزنى، سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بەت يۈزى ۋە ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

ئۈچىنچى، سودىنى تاماملىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىڭىز (مەھسۇلات رەسىمى، ئىسىمى، باھاسى، تۈرى، بىرلىكى ۋە مەھسۇلات تاياقچە كودى قاتارلىقلار)، زاكاز ئۇچۇرى (زاكاز تالونى نومۇرى، زاكاز ھالىتى، زاكاز مەزمۇنى، زاكاز سوممىسى، زاكاز چۈشۈرگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، چىقىم قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار) ۋە سىزنىڭ ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىغا كىرگۈزگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىپ، سودىنى ئۈنۈملۈك تاماملاش شۇنداقلا مەھسۇلات ۋە زاكاز باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

تۆتىنچى، تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن، سىز تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تاللىغاندا دۇكان ئادرېسى، يەتكۈزگۈچى ئۇچۇرى ئۇچۇرى (ئىسىم - فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار)، خېرىدار ئۇچۇرى (ئىسىم - فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى قاتارلىقلار)، زاكاز ئۇچۇرى (مەھسۇلات / مۇلازىمەت مەزمۇنى، زاكاز سوممىسى، زاكاز ۋاقتى، زاكاز نومۇرى قاتارلىقلار) بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك. بۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ يەتكۈزگۈچى تەقسىملەش، تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، زاكاز ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بەشىنچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، سىز بىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئۇچۇرى، خىزمەتچى ئۇچۇرى (ئىسىم - فامىلىسى، جىنسى، تېلېفون نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى، خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى، خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىقلار)نى يىغىشىمىزغا قوشۇلىشىڭىز كېرەك، بۇ ئۇچۇرلار خىزمەتچىلەرنىڭ تەۋەلىكى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار بىلەن باغلاش ۋە پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. سىز خىزمەتچىلەر ئۇچۇرىنى يىشىتا خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانلىقىڭىزغا كاپالەت بېرىشىڭىز ۋە بىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئىشلىتىشىمىزگە ھوقۇق بېرىشىڭىز كېرەك.

ئالتىنچى، ئەزا باشقۇرۇش ئۈچۈن، بىز سىز تەمىنلىگەن ئەزالار ئۇچۇرى (ئەزا ID نومۇرى، ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئادرېسى، دەرىجىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، قىممەت تولۇقلاش ئەھۋالى، ئىستېمال ئەھۋالى قاتارلىقلار)نى يىغىشىمىز مۇمكىن. سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەزا ئۇچۇرلىرىغا ئەزالارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ قانۇنىي يول بىلەن ئېرىشكەنلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

يەتتىنچى، ئالدىن زاكاز قىلىش، ئۆچرەتكە تىزىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز سىز تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى، ئىسىم - فامىلىسى، جىنسى، غىزالىنىدىغان ئادەم سانى، غىزالىنىش ۋاقتى، تاماقلار، ئالدىن تۆلىگەن پۇلى، ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى يىغىپ ئۆچرەتكە تىزىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

سەككىزىنچى، سىزنى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقاندا، بىز سىزنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسى ۋە مەزمۇنى ياكى سىز قالدۇرغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ، سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى ۋە نەتىجىسىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

توققۇزىنچى، سىزنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز يىراق مۇساپىلىك مۇلازىمەت (ئېھتىياجىڭىز بولۇپ)نى تاللىغاندا، سىز «يىراقتىن ياردەم» تەلىپىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۈسكۈنە ئېكرانىنى ھەمبەھرىلىشىڭىز كېرەك، مەسىلىنى تېخىمۇ توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز بەلكىم مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كېرەكلىك ھۆججەت، سۈرەت قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىشىمىز مۇمكىن. ئېكراننى ھەمبەھرىلەشتىن بۇرۇن، سىز ھەرقانداق سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇر ياكى مەخپىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىمەسلىكىڭىز كېرەك.

ئونىنچى، سىز بىزنىڭ تەشۋىقات ۋە سوئال - جاۋابلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقىنىڭىزدا، بىز سىز تەمىنلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىشىمىز مۇمكىن.

ئون بىرىنچى، سىز ئەقىلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەندە، بىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى تەكشۈرۈش، سودىنى تاماملاش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل نۇقتىدىن، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن تەمىنلەنگەن يېزىق، سۈرەت، كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىشىمىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز بولۇشى ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىكى شەخسىيەتكە چېتىلىدىغانلىرىنى قاتتىق قوغدايمىز.

3) يېڭى – يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇش ئۈچۈن

مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز كونكرېت ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن زۆرۈر ھوقۇقلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن، يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالىمىز، ئەگەر سىز بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىسىڭىز، بىز بۇ ھوقۇققا چېتىلىدىغان مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، لېكىن سىزنىڭ ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ باشقا ئاساسىي ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. كونكرېت يۆتكەپ ئىشلىتىدىغان ھوقۇق دائىرىسى چۈشەندۈرۈشىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ:

(1) iOS سىستېمىسىنىڭ ھوقۇقنى يۆتكەپ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى

ئۈسكۈنە ھوقۇقى

ئىشلىتىش مەقسىتى

سورامدۇ؟

تاقىۋېتىشكە بولامدۇ؟

ئورۇن بەلگىلەش

دۇكان ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ ئابونتلارنىڭ ئەڭ يېقىن دۇكاننى تاللىشىغا ياردەم بېرىش، ئابونتلارنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان دۇكان ئۇچۇرىنى مۇقىمدىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

لەنيا (كۆك چىش)

قوشۇمچە ئورۇن بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

IDFA (iOS14تىن يۇقىرى نۇسخىدا)

ئابونتلارنىڭ ھېسابات نومۇرى، سودا بىخەتەرلىكى ۋە ئېلان قوبۇللىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

ئاپارات

سكاننېرلاش، رەسىم تارتىش، رەسىم يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

رەسىم

تاماق رەسىملىرى كىنىشكە رەسىملىرىنى يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

مىكروفۇن

ئاۋازلىق تاماق كىرگۈزۈش ۋە خوجايىنلارنىڭ تاماقنى تېز چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

كالېندار

خېرىدارلار پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئەسكەرتىش ئۈچۈن

خېرىدار پائالىيەتكە قاتناشقاندا ۋە مۇناسىپ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەن سورايدۇ

بولىدۇ

ئالاقە دەپتىرى

خېرىدارلار پائالىيەتكە قاتناشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمبەھرىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ

خېرىدار پائالىيەتكە قاتناشقاندا ۋە مۇناسىپ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەن سورايدۇ

بولىدۇ

 

(2) Android سىستېمىسىنىڭ ھوقۇقنى يۆتكەپ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى

ئۈسكۈنە ھوقۇقى

ئىشلىتىش مەقسىتى

سورامدۇ؟

تاقىۋېتىشكە بولامدۇ؟

ئورۇن بەلگىلەش

دۇكان ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ ئابونتلارنىڭ ئەڭ يېقىن دۇكاننى تاللىشىغا ياردەم بېرىش، ئابونتلارنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان دۇكان ئۇچۇرىنى مۇقىمدىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

لەنيا (كۆك چىش)

قوشۇمچە ئورۇن بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

ئاپارات

سكاننېرلاش، رەسىم تارتىش، رەسىم يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ

سكاننېرلىغاندا، رەسىم تارتقاندا سورايدۇ

بولىدۇ

ساقلىغۇچ

ئابونتلارنىڭ تارتقان رەسىم، فىلىملىرىنى ساقلاش، ئۇچۇرلارنى ۋاقىتلىق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

ئۈنئالغۇ

ئاۋازلىق تاماق كىرگۈزۈش ۋە خوجايىنلارنىڭ تاماقنى تېز چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

تېلېفون ھالىتى

ئۈسكۈنە نومۇرىغا ئېرىشىپ، ئابونتلارنىڭ ھېسابات ۋە سودا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئۈسكۈنىنىڭ پاراڭلىشىش ھالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن

ئەپنى دەسلەپ قوزغاتقاندا سورايدۇ

بولىدۇ

ئالاقە دەپتىرى

خېرىدارلار پائالىيەتكە قاتناشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمبەھرىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ

خېرىدار پائالىيەتكە قاتناشقاندا ۋە مۇناسىپ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەن سورايدۇ

بولىدۇ

لەيلىمە كۆزنەك

يىراقتىن كونترول قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش، ئېكراننى ئىزاھلاش، يىراقتىن كونترۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

دەسلەپ ئىشلەتكەندە سورايدۇ

بولىدۇ

 

4) ئۆزى قوزغىلىش ھەققىدە

ئەپ تاقاق ياكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ زاكاز ئۇچۇرى، پۇل تۆلەش ئۇچۇرى، زاكاز قايتۇرۇش ئۇچۇرى، مەلۇمات جەدۋىلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىز ئەپنىڭ ئۆزى قوزغىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.

 

5) بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن

(1) مۇلازىمەت بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالدامچى تور بېكەتلەرنىڭ ئالدامچىلىقلىرى ۋە ياغاچ ئات ۋىروسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ۋە بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا ھوقۇق بەرگەن ياكى ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىڭىز، دائىم ئىشلىتىدىغان دېتاللار قاتارلىقلارغا ئاساسەن سىزنىڭ سودا خەۋپ – خەتىرىڭىزگە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىمىز، بۇ سالاھىيەت تەكشۈرۈش، بايقاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئالدامچىلىق ۋە تور ۋىروسلىرىنى تەكشۈرۈش، تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرى ۋە ئالاقىدار كېلىشىم، قائىدىلەرگە خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، سىز، باشقىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم خەۋپلىك دەپ قارىغان ئۇلانمىلار (URL)نى خاتىرىلەش.

(2) سىزنىڭ ھېسابات بىىەتەرلىكىڭىز، سودا بىخەتەرلىكىڭىز ۋە سىستېما بىخەتەرلىكىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، قانۇن – نىزام ۋە كېلىشىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش. سىز بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئىشلەتكەن ۋە مۇلازىمىتىزدىن ھەبرىمەن بولغاندا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىز ئارقىلىق ئېرىشكەن سىزنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تور ھالىتى، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تىپى، قاتتىق دېتال تەرتىپ نومۇرى، ئۈسكۈنە MAC ئادرېسى، ئۈسكۈنە بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش نومۇرى (مەسىلەن IMEI/MEID/IMSI/AndroidID/IDFA/IDFV/OAID، SIM كارتىنىڭ IMSI ۋە ICCID ئۇچۇرى قاتارلىقلار) ھەم ئىجرا ئۇچۇرى، تېرمىنال تىزىملىكى، سېنزور ئۇچۇرى، WIFi ھالىتى (مەسىلەن IMSI ۋە BSSID)، تېلېگراف تور تەمىنلىگۈچى، يۇمشاق – قاتتىق دېتال ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزسىز يىغمايمىز ۋە ئىشلەتمەيمىز.

 

6) بىز ۋاسىتىلىك ھالدا سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز

سىزنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا ھالىتىنى مۇقىملاش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تەمىنلەش، شۇنداقلا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن سىز ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن بىز سىز تاللىغان سودا ئوبيېكتى ۋە سودىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسى، پۇل تۆلەش ئاپپاراتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ سودا ھالىتىڭىز، پۇل تۆلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياكى سىزنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز، بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ سىزنىڭ زاكازلىرىڭىزنى بىرتەرەپ قىلىش، ھەم ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىزگە شۇنداقلا ئالدامچىلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. بىز قانۇن – نىزام تەلىپى ۋە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ قانۇنلۇقلۇقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىمىز.

 

7) ماقۇللۇقىڭىزنى ئېلىش زۆرۈر بولمىغانلىرى

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغىش، ئىشلىتىشتە سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئېلىش زۆرۈر ئەمەس:

(1) دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

(2) ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئاممىۋى تازىلىق، جامائەت مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ ئىشلاردا؛

(3) جىنايەتنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوت قىلىش ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

(4) شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكى قاتارلىق زور قانۇنىي ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغداشقا چېتىلىدىغان، لېكىن شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش تەس بولغان ئەھۋالدا؛

(5) ئۇچۇر ئىگىسى ئۆزى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان ئۇچۇر بولسا؛

(6) قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان (قانۇنلۇق ئاخبارات، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق) ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن شەخسىي ئۇچۇرلار؛

(7) سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئاساسەن توختام تۈزۈش زۆرۈر بولغاندا؛

(8) تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا، مەسىلەن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتە كاشىلا بايقىغان ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا؛

(9) قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا؛

(10) ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا، ھەمدە سىرتقا قارىتا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى تەمىنلىگەندە، تەتقىقات نەتىجىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ئۇچۇرلار مەخپىيلەشتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان بولسا؛

(11) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

 

8) شەخسىي ئۇچۇرللارنى ئىشلىتىش پىرىنسىپى

(1) مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىز ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز، ساقلىشىمىز ۋە بىزگە ئالاقىدار شىركەتلەر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز شۇنىڭغا كاپالەت بېرىمىزكى، بىزنىڭ ئالاقىدار شىركەت مۇشۇ كېلىشىم ۋە قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ قوغداش ئېلىپ بارىدۇ.

(2) بىز ۋە بىزنىڭ ئالاقىدار شىركەت يىغقان ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكا تەھلىلى، سىستېما يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن، ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشتە مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، پايدىلىنىمىز. مەسىلەن، سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئىچكى سىياسەت بەلگىلەش ۋە تەرتىپ تۇرغۇزۇش، سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ھاسىللاش قاتارلىق تەرەپلەردە.

(3) سىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلغان (تېلېفون نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى، قىسقا ئۇچۇر) قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سىزگە بىزنىڭ ۋە بىزگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىمىز، ئەگەر ياقتۇرمىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئاستىدىكى «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ياكى مۇلازىمەت لىنىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

 

3. بىز Cookie  ۋە ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىنى قانداق ئىشلىتىمىز

سىستېمىنىڭ نورمال، ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سىزنى تېخىمۇ ئازادە، راھەت تۇيغۇغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ سىستېمىڭىزدا Cookie ناملىق كىچىك سانلىق مەلۇمات ھۆججىتى ساقلايمىز. Cookie سىزنىڭ بىزنىڭ تور بېتىمىز ياكى سىستېمىمىزنى زىيارەت قىلغاندا سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى قايتا كىرگۈزۈش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇشىڭىزغا (مەسىلەن، بىر كۇنۇپكا بىلەن تىزىملىتىش قاتارلىق) ياردەم بېرىدۇ؛ سىزنىڭ ئېلانغا بولغان تاللاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؛ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغدايدۇ. ئەلۋەتتە بىز Cookie نى مەزكۇر شەخسىيەت كېلىشىمىدە بايان قىلىنغان مەقسەتتىن باشقا ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتمەيمىز. سىز ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن Cookie نى باشقۇرسىڭىز ياكى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. سىز كومپىيوتىر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىڭىزدە ساقلانغان بارلىق Cookie نى تازلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزنىڭ Cookie نى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشقا ھوقۇقىڭىز بار. كۆپ ساندىكى تور كۆرگۈچلەر Cookie نى ئاپتوماتىك قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تور كۆرگۈچنىڭ تەڭشىكىدىن پايدىلىنىپ Cookie نى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، سىز دېتال ئىچىدە ساقلانغان بارلىق Cookie نى تازىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن سىز سىستېمىنىڭ بەزى قولايلىق ۋە بىخەتەر ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

 

4. بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق ئەھۋالدا ھەمبەھرىلەيمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز، ئاشكارىلايمىز؟

1) تەڭ بەھرىمەن بولۇش:

بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق شىركەت، تەشكىلات ۋە شەخس بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولمايمىز، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا: قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە، دەۋا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىش ئېھتىياجى ياكى مەمۇرىي، ئەدلىيە قاتارلىق ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ قانۇنلۇق تەلىپى؛

(2) مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش: خېرىدارلارغا ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىش ۋە خېرىدارلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز زۆرۈر بولغاندا سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ھەمكارلاشقان شىركەتلىرىمىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز؛

(3) ھەمراھلىرىمىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش: بىز سىزگە مۇلازىمەت تەمىنلەشتە زۆرۈر بولغان زاكاز ئۇچۇرى، ھېسابات ئۇچۇرى، چىقىم ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى كەسىپ جەھەتتىكى ھەمراھلىرىمىز بەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ كەسپىي ھەمراھلىرىمىز تەمىنلىگۈچى سودىگەر، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت سودىگىرى قاتارلىق كەسپىي ھەمراھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(4) كېلىشىمدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن: بىز ئىمزالىغان ئالاقىدار كېلىشىم (توردا ئىمزالانغان ئېلېكترونلۇق كېلىشىم ۋە سۇپا قائىدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى قانۇن ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن، ئۈچىنچى تەرەپكە ھەمبەھرىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا؛

(5) مۇۋاپىق سودا ئادىتى ئاساسىدا: مەسىلەن، ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتتىكى مۇكاپات ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سىزگە مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن؛ ياكى باشقا شىركەتلەردە كاپىتال بازىرى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ (IPO، زايوم تارقىتىش قاتارلىقلار) تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا؛

(6) ئىلمىي تەتقىقاتتا: مەسىلەن، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا؛

7. قانۇن - نىزاملارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جامائەت مەنپەئەتى قاتارلىقلار

بىز قوللىنىشچان دېتال ئۇلاش ئېغىزى (API)، يۇمشاق دېتال ئېچىش بوغچىسى (SDK) ئارقىلىق زۆرۈر سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز، ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ SDK لىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرى تىزىملىتىش تۈرى، ھەمبەھرىلەش، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش، خەرىتە يول باشلاش، زاۋۇت تەۋسىيەسى، ئىستاتىستىكا، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئۈچىنچى تەرەپكە نىسبەتەن قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش تەدبىرلىرى توغرىسىدا پۈتۈم ھاسىل قىلىمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز پەقەت قانۇنلۇق، توغرا، زۆرۈر، ئالاھىدە تەلەپ، ئېنىق مەقسەت ئاستىدا ئاندىن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز، بىز مەزكۇر كېلىشىمدە تىلغا ئېلىنغان تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە شەخسىي ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولغان شىركەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇلاردىن كېلىشىمگە رىئايە قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز.

 

2) ئۆتۈنۈپ بېرىش

بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ھەرقانداق شىركەت، تەشكىلات ۋە شەخسكە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمىز، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) سىزنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىڭىزغا ئېرىشكەن ئەھۋال ئاستىدا: سىزنىڭ ئېنىق ماقۇللىقىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىز باشقا تەرەپكە سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆتۈنۈپ بېرىمىز؛

(2) بىزدە قوشۇۋېتىش، سېتىۋېتىش ياكى ۋەيران بولۇپ ھېسابات ئېنىقلاش يۈز بېرىپ شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلسا، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشكەن يېڭى شىركەت، تەشكىلاتتىن بۇ كېلىشىمنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا بىز بۇ شىركەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن سىزدىن قايتا رۇخسەت ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.

 

3) ئاشكارىلاش

بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىمايمىز، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللىغان ياكى سىزنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغان ئەھۋالدا، بىز سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن؛

(2) ئەگەر سىزدە قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلسىڭىز ياكى ئەقىلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار كېلىشىم قائىدىلىرىگە ئېغىر خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلسە، ياكى ئەقىلىي ئاشخانا سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار شىركەت خېرىدارلىرى ياكى ئاممىنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشى بولغان ئادىل سودا مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز قانۇن - نىزام ياكى ئەقىلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار كېلىشىم قائىدىسى بويىچە سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن، مەسىلەن، ئەگەر سىز بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، ئەقلىي ئاشخانا سىستېمىسىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلسىڭىز، بىز سىزنىڭ دۇكان ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن.

(3) قانۇنىي يول بىلەن ئاشكارىلاش: قانۇن، قانۇن تەرتىپى، دەۋا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەلىپى بولغان ئەھۋالدا سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن.

 

5. بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغدايمىز؟

1) شەخسىي ئۇچۇرنى ساقلاش

(1) ساقلاش مۇددىتى: قانۇن - نىزام ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمى بويىچە، بىز سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى پەقەت ئۇچۇر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېتىپ بولغىچىلا ساقلايمىز. سىز ھېسابات نومۇرىنى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆچۈرۈۋەتكەندە، بىز قانۇن - نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىمىز، ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئالاقىدار قائىدە ۋە تەرتىپلەردە «ئابونتلارنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش كېلىشىمى»دىن پايدىلىنىڭ.

(2) ساقلاش تەۋەلىكى: بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە يىغقان ۋە ھاسىل بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ساقلايمىز، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

قانۇن - نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولسا؛

سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئالغاندا؛

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا، بىز سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپتىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى مەزكۇر شەخسىيەت كېلىشىمى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى بويىچە بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

(3) تىجارەت توختىتىش: ئەگەر تىجارەتنى توختىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىز ئاز دېگەندە 30 كۈن بۇرۇن سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز ھەمدە تىجارەتنى توختاتقاندىن كېيىن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىمىز.

 

2) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەدبىرلىرى

(1) بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

ئۇچۇر بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز كەسپ ساھەسىنىڭ ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان تۈرلۈك فىزىكىلىق، ئېلېكترونلۇق ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش، ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، بۇزۇۋېتىش ياكى يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. بىز بارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداپ، شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئىشەنچلىك قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يامان غەرەزلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؛ زىيارەتنى كونترول قىلىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقلۇق خادىملارلا شەخسىي ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىكنى قوغداش جەھەتتە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

(2) بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى

ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى يۈز بەرگەندە، بىز قانۇن - نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە، بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تەسىرى، بىز قوللانغان ياكى قوللىنىدىغان بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز ۋە سىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىكى تەكلىپلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمىز. بىز ھادىسىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا پوچتا يوللانمىسى، خەت، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سىزگە ئۇقتۇرىمىز، شەخسىي ئۇچۇر ئىگىسىگە بىرمۇبىر ئۇقتۇرۇش قىيىنغا توختىغاندا، بىز مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ئېلان تارقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمىز.

 

6. سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىز قانداق بولۇپ يەر شارى دائىرىسىدە يۆتكىلىدۇ؟

بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە يىغقان ۋە ھاسىل بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ساقلايمىز، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

1) قانۇن - نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولسا؛

2) سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئالغاندا؛

3) سىزنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا سۇپىلىرىدىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىڭىز.

يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا بىز مەزكۇر كېلىشىم بويىچە سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇق قوغدايمىز.

 

7. ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق باشقۇرىسىز؟

1) شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈش، ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش (قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن باشقا): سىز ھېساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن زاكاز تالونىڭىز قاتارلىق ئابونتلار ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز. ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن سىز قىسمەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز ياكى تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن ئالاقىلىشىش تېلېفونى، تىجارەت ئادرېسى قاتارلىقلار، كونكرېت ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان مەزمۇن ۋە تۈزىتىش ئۇسۇلىدا مەھسۇلات كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئۆلچەم ئاساس قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، بىزنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىمىز 9872-800-400 غا تېلېفون قىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بىز ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن سىز بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىمىز.

2) ھوقۇق دائىرىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. سىز ھوقۇق دائىرىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز، بارلىق ھوقۇق ياكى قىسمەن ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇ چاغدا بىز شەخسىي ئۇچۇرلارنى قايتا بىرتەرەپ قىلمايمىز. لېكىن سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز بۇنىڭدىن بۇرۇن سىز ھوقۇق بەرگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

3) سىز بىز كۆرسەتكەن يول بويىچە ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. ھېسابات ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بىز سىز ئۈچۈن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت تەمىنلەشنى توختىتىمىز ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىمىز.

 

8. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش

بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز. بىزنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىمىز ئاساسلىقى چوڭلارغا يۈزلەنگەن. ئەگەر سىز قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز ياكى ۋەسىيلىرىڭىز بىلەن بىللە مەزكۇر شەخسىيەت كېلىشىمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئاتا - ئانىڭىز ياكى ۋەسىيلىرىڭىز قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك.

ئاتا – ئانىلار ۋە ۋەسىيلەرنىڭ بىزنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشكە قوشۇلۇشى ئاستىدا يىغىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بەلگىلىمىلەر يول قويغان، ئاتا – ئانىلار ياكى ۋەسىيلەر ئېنىق ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ھەمبەھرىلەيمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز ياكى ئاشكارىلايمىز.

ئەگەر بىز ئاتا - ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا يىغىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بايقىساق، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىمىز.

 

9. ئۇقتۇرۇش ۋە تۈزىتىش

مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىمىزنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزدا قەرەلسىز ھالدا يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا شەخسىيەت كېلىشىمىمۇ ماس ھالدا تەڭشىلىپ ماڭىدۇ. سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ، بىز سىزنىڭ بۇ شەخسىيەت كېلىشىمىگە ئاساسەن سىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارنى خالىغانچە قىسقارتىۋەتمەيمىز. بىز تور بېكەت ۋە ھەرقايسى تېرمىناللاردا ياكى باشقا شەكىللەردە يېڭىلانما شۇنداقلا ئەڭ يېڭى شەخسىيەت كېلىشىمىنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، چۈشىنىش ھەققىدە ئەسكەرتىش ئەۋەتىمىز. ئەگەر سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى شەخسىيەت كېلىشىمىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

 

10. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

ئەگەر بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا قارىتا ئەرز قىلماقچى، پاش قىلماقچى ياكى ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، بىزنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىمىز: 9872-800-400 بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى دەلىللىگەندىن كېيىنكى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە سىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز ھەم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەگەر سىز بىزنىڭ جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىڭىزگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تەۋەلىكىدىكى ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.